قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا توي خېتى بېرىش ۋاقتىنچە توختۇتۇلغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە توي قىلغۇچىلارغا توي خېتى رەسمىيىتى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان. قەشقەردىكى ۋەقەدىن خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ توي خېتى بېجىرىدىغان تارماقلىرى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە توي قىلغۇچىلارغا توي خېتى رەسمىيىتى ئۆتەشنى توختاتقان بولۇپ، بۇنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى 1 - ئىيۇندىن كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇلۇدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى يەرلىك جايلاردا دائىرىلەر ئىچكىرىگە بېرىپ 2 يىل ئىشلەمچىلىك قىلمىغان يېزا قىزلىرىغا توي خېتى بەرمەسلىك تۈزۈمى چىقارغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم توي خېتى بەرمەسلىكنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 1 - قېتىم يولغا قويۇلۇشىدۇر.

 بۇ خەۋەرنىڭ راست - يالغانلىقى توغرىسىدا قەشقەردىكى يەرلىك ئورگانلارنىڭ ئىپادىسىنى ئالالمىغان بولساقمۇ، لېكىن قەشقەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىز توي قىلغۇچىلارغا توي خېتى بېرىلمەيۋاتقانلىقى، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئادىتىگە ئاساسەن ھەر بىر جۈپ ئۇيغۇر توي قىلىشتىن بۇرۇن نىكاھ رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. لېكىن خىتاينىڭ قائىدە - قانۇنلىرىغا كۆرە نىكاھ چوقۇم توي خېتىسىز ئوقۇلماسلىقى لازىم. توي خېتىسىز نىكاھ ئوقۇغان ئىماملار بولسا جازالىنىدۇ.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، توي خېتى بېرىشنى توختىتىش بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قەشقەردىن ئامان - ئىسەن ئۆتۈپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاممىۋى يىغىلىشلارنى قىسقارتىش ئۈچۈن توي خېتى بېرىشنى توختىتىپ، توي - تۆكۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارىغا يىغىلىشىنى تىزگىنلىمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.