شىخودا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەندى


2008-02-08
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىخو ناھىيىسىدە 1945 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللي ئارمىيىسى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مەشھۇر "شىخو ئۇرۇشى"نىڭ مىللىي ئارمىيە قۇربانلىرىغا ئابىدە تىكلەندى. شىخو ئۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى زامانىۋىي ئاڭ، زامانىۋىي قوراللار ۋە زامانىۋىي تاكتىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئۇرۇش ئىدى. شۇ قېتىمقى جەڭدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 800 گە يېقىن جەڭچى ۋە ئوفىتسىرى قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈرۈمچى مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە يول ئاچقان، ئەمما تەقدىرنىڭ قىسمىتى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچى ئىشغالىيىتىگە يار بەرمىگەن ئىدى.

شىخو ئۇرۇشىدا شېھىد بولغانلار ئەينى چاغدا شىخونىڭ غەربىدىكى بىر دۆڭلۈككە دەپنە قىلىنغان. ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 60" يىلدىن كېىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنە شۇ قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش يۈزىسىدىن، شىخودىكى بىر يەككە تىجارەتچى ئىقتىساد چىقىرىپ، بۇ قەۋرىنى تىلىگەن". گەرچە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنى "جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ قىسىمى" دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا ئائىت تارىخىي ئابىدە ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تىلغا ئالىدۇ ياكى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كۆپ تىلغا ئېلىش ئۇيغۇرلاردا مۇستەقىللىق ئېڭىنى ئويغۇتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن. شۇ تۈپەيلى دائىرىلەر شىخودىكى شېھىدلىكنى ھازىرغا قەدەر رىمونت قىلماي تاشلىۋەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت