ۋېن جىياباۋ ئاقايېفنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكىنىگە رەھمەت ئېيتتى
2004.09.22
قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ "بىر خىتاي" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاتالمىش "ئۇيغۇر بۆلگۈنچى" لىرىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
ۋېن جىياباۋ يەنە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېف بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ، "شەرقىي تۈركىستان" تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە 3 خىل كۈچكە زەربە بېرىشنىڭ خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف بۇ ئۇچرىشىشتا، ۋېن جىياباۋدىن قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلدى.
شۇنداقلا ۋېن جىياباۋ سەيشەنبە كۈنى تانايېف بىلەن 10 يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسىغا قول قويدى. بۇ پروگرامما 18 ساھەدىكى يۈز نەچچە خىل تۈردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەتتا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي يەنە قىرغىزىستاننىڭ ئىسلاھاتىغا ياردەم قىلىش نامىدا 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل بەرگەن. (پەرىدە)
- قازاقىستان پرىزدېنتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنى زىيارەت قىلىدۇ
- نۇر بەكرى نەشىرىيات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىكەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئابدۇلغېنى مەمتىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى