قىسقا خەۋەرلەر


2006.04.14

كانادا ئەلچىخانا خادىمى تاشكەنتتە ھۆسەنجان قارىم بىلەن كۆرۈشتى

ئۆتكەن ئاي تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان كانادا پۇقراسى ھۆسەنجان قارىمنىڭ ئايالى كامىلە، موسكۋادىن كەلگەن كانادا ئەلچىخانا خادىمىنىڭ تۈنۈگۈن تاشكەنتتىكى بىر تۈرمىدە ھۆسەنجان قارىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كامىلەنىڭ ئېيتىشچە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى كانادا ئەلچىخانا خادىمىنىڭ ھۆسەنجان قارىم بىلەن پەقەت 20 مىنوت ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلغان.

كامىلە تاشكەنتتىن تېلېفون ئارقىلىق كانادانىڭ تورۇنتو سىتار گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۆسەنجان قارىمنىڭ ساق-سالامەتلىكىنى ھەمدە خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ خوشال شۇنداقلا بىر قەدەر خاتىرجەم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ئۇ يولدىشىنىڭ، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر سىياسىي كوزورغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ھېلىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىم گېرتەل، كانادا ئەلچىخانا خادىمىنىڭ ھۆسەنجان قارىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېنىقلىدى، ئەمما ئۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تېزىملىكىدىكى ھۆسەنجان قارى، 2001 يىلى ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئارقىلىق كانادا غا كېلىپ، تۈرت ئاي بۇرۇن كانادا پۇقراسى بولغان. تۇققانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغان ھۆسەنجان قارىم ئۆتكەن ئاي تاشكەنتتە ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى.

"خىتايدىكى بۇددا يىغىنى بىر قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتى"

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى 14‏-ئاپرىل كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيا بۇددىزم مۇنبىرى يېغىنىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، مەزكۇر يېغىننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى دىنىي بېسىمنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشۋىقات پائالىيىتى دەپ تەبىرلىدى.

5 كۈن داۋاملىشىدىغان دۇنيا بۇددىزم مۇنبىرى يېغىنىغا دۇنيا بۇددىستلىرىنىڭ رەھبىرى دالاي لاما قاتناشمىدى. ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەنچەن لاما دەپ بېكىتىلگەن 16 ياشلىق گيالتسىن نوربۇنىڭ يېغىنغا قاتنىشىپ، سۆز قىلىشى يېغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال بولدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان مارى بەت، خىتاي ھۆكۈمىتى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا بۇنداق بىر يېغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

ئۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېغىندا، بېيجىڭ تەرىپىدىن بەنچەن لاما دەپ تەيىنلەنگەن گيالتسىن نوربوغا، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلسىدە ، خىتايدىكى ۋەزىيەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا، ئالدىن تەييارلانغان بىر باياناتنى ئوقۇتقانلىقىنىڭ، نومۇس قىلارلىق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گىرمانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

گېرمانىيىدە چىقىدىغان دى ۋىلت گېزىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇۋانتانامودا تۇتۇپ تۇررۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىغا پاناھلىق بېرىشى ئۈچۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېزىتنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، گېرمانىيە باش منستىرى ئانگىلا مەركەل ھۆكۈمىتى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكىنىڭ گۇۋانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 نەپىرىگە پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتماقتا.

گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانگىلا مەركەل، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئوچۇق -ئاشكارا گۇۋانتانامودىكى تۈرمىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان، دۇنيادىكى بىردىن‏ - بىر ھۆكۈمەت رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، گېرمانىيىنىڭ باۋارىيا ئۆلكىسىدە كەڭ بىر ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇ دۆلەتنى گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر دۆلەت بولالايدۇ، دەپ تاللىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، بۇ مەسىلىنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركەلنىڭ ماي ئىيىدا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلرىنىڭ بىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركىل يانىۋار ئىيىدا ۋاشنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا گۇۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاپ، تېررورچىلىق گۇماندارلىرىنىڭ مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن باشقا مۇۋاپىق بىر يول تىپىشى كېرەك، دېگەن ئىدى.

چىن شۈيبيەن تەيۋەن ‏- خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر يىغىنىغا باھا بەردى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئىچىلغان ۋە تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قاتناشقان سودا يېغىنىدىن، تەيۋەنگە قارشى بىر كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

تەيۋەننىڭ سابىق مىللەتچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ليەن جەن بېيجىڭدا تەيۋەن - خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئىچىلغان ئىككى كۈنلۈك بىر يېغىنغا قاتنىشىۋاتىدۇ.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، 14 ‏- ئاپرىل كۈنى تەيبىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليەن جەننىڭ زىيارىتىدىن تاشقى دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. چىن شۈيبيەننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ليەن جەن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ئەسلى نىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان سىياسىي بىر ئويۇن ئىكەن .

خىتاي ئۆتكەن يىلى دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن نامىدا بىر قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللقىنى ئېلان قىلسا، تەيۋەنگە قارشى ھەربي كۈچ ئىشلىتىشنى قانۇنىيلاشتۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان تەيۋەن ئەتراپىغا 700 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. لېكىن بۇنىڭغا قارىماي ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە.

پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەن ۋە ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى خىتاي بىلەن بولغان سودامۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر توقۇنۇشتا تەيۋەننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن كارخانىچىلىرىدىن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۈندىمەكتە.

بۇش : خىتاي دۇنياغا قائىدە ‏- قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى سودا مۇئامىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۇنياغا "قائىدە- قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك" دېدى.

جۇرج بۇش ۋاشنگتوندا ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئىچىلغان بىر يېغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا خىتاينى ئۆزىنىڭ بىر سودا شىرىكى دەپ قارايدۇ، ئەمما بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشىنى كۈتىمىز، خىتاي سودا مۇئامىلىلىرىدە ئوچۇق بولۇشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىكنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جىددىي قوشۇمچە تەدبىرلەر ئېلىشى كېرەك،دېدى.

ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا بازارىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي تاۋارلىرىنى ئىكسپورت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ شىكايەت قىلماقتا.

مۇتەخەسسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت سودىدىكى ئىختىلاپتىن باشقا يەنە، تەيۋەن مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارسىىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن مەسىلسى، كېلەر ھەپتە ئاقسارايدا ئۇچرىشىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.