ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى
2007.05.18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن مەجبۇرى تۈردە ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ ئېلىپ بېرىلغان.
مەتبۇئاتلار، بۇ تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ يازدى. خەۋەردە، تەكشۈرۈشنىڭ قايسى ئالى مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش بىر تېخنىك مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ بىرقانچە يىلدىن بېرى يېڭى ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكتەپ دائىرىلىرى " ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلاردا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش بۇنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ تەكىتلىگەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن % 80 - 70 نى تەشكىل قىلىدىغان يېشى 17 دىن 18 گىچە بولغان قىزلارنى مەكتەپ زالىغا يىغىپ، سۈيدۈك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر قىزلاردا ھامىلدارلىقتىن بىشارەت بېرىدىغان نورمالسىز ئەھۋاللار بايقىسا، دوختۇر بۇنى دەرھال مەكتەپ داىرىلىرىغا مەلۇم قىلىدىكەن. ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى بايقالغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئۆزلىكىدىن چېكىنىدىغان ياكى باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن.
لېكىن خەۋەردە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوستلىرىدىن سۈيدۈك ئارىيەت ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋالغانلىقىنىمۇ يازدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار سۈيدۈك تەكشۈرۈشتىن ناھايىتى قولايسىزلىق ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بەزىلەر بۇ ئۇسۇلغا قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسى تۇتقان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغان 1987 -يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى بۇ سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش خىتايدىكى باشقا ئالى مەكتەپلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال بولۇشى مۈمكىن. (ئەركىن)