ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قىزىل (qizil) كېسىلى تارقالغان


2008.02.15

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە qizil كېسىلى تارقىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ۋىلايەت بۇيىچە مەزكۇر كېسەلدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشقان، 2 بالا ئۆلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، كۇچار ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا چىچەك كېسىلىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ 300 گە يېتىدىغانلىقىنى، مەزكۇر ناھىيىدە 2 بالىنىڭ بۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇچار ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە چىچەك كېسىلى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلمىدى، لېكىن ئۇ ۋەقە توغرىسىدا "مەلۇمات بېرەلمەيمىز " دەپ ئەسكەرتتى. دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرى 2002 ‏- يىلىدىكى سارس ۋەقەسىدىن كېيىن ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بايقالسا يوشۇرمايمىز، دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تارقالغان چىچەك ۋىرۇسىنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايوندىكى پۇقرالاردىن يوشۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەيلى سەھىيە دائىرىلىرى ياكى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسۇن ھازىرغىچە مەزكۇر كېسەللىك توغرىسىدا خەۋەر بەرمىگەن ياكى پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرمىغان.

لېكىن يېقىندا " تەڭرىتاغ تورى" نىڭ بىر خەۋىرىدە سەھىيە نازارىتى كىشىلەرنى ئۆسمۈرلەرگە تېز يۇقىدىغان زۇكام ۋىرۇسلىرىدىن سەگەك بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بالىلاردا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ئەمما سەھىيە نازارىتى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قايسى تىپتىكى كېسەللىكلەر بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختالمىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى يېقىنقى زامانلارغىچە خىتاينىڭ يادرو قوراللار تەجرىبە مەيدانى بولۇپلا قالماي، ھەربىي بىئولوگىيىلىك تەجرىبىخانىلار جايلاشقان رايونى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر بىئولوگىيىلىك قوراللار مۇتەخەسسىسى، 1980 ‏- يىللارنىڭ باشلىرى خىتاينىڭ كورلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي بىئولوگىيىلىك تەجرىبىخانىسىدىن مىنىڭگىت ۋىرۇسى چىقىپ كېتىپ، شۇ رايوندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.