كېرىيىدە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە قارىماي، داۋاملىق تۈردە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ھەقتە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان بۇيىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بىر ناھىيە ئۆزىدىنلا ھازىرغا قەدەر 15مىڭ 558 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن، بۇ كىرىيە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 351 ى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلەر ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە،ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبىي رايوندىكى توي يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىمەكتە.
2007 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە جەمئىي 1مىليون 200 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى پىلانلىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىياسىتىنى نامرات دېھقانلارنى باي قىلىشنىڭ يولى دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش، ئەرزان قۇل قىلىش ۋە ئىرقىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى دەپ ئەيىبلەنمەكتە شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتە خەلقئارادا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى ئۆتكۈر مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
رادىئومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەم خىتاي زاۋۇتلىرىدا تۈرلۈك زومىگەرلىك ھەم خورلۇققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىدۇ
- خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى قورامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلىشنى توساش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا
- ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا
- خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" سىياسىتىنىڭ سىرى
- خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە چاپلانغان بىر خىتايچە ئېلان ئىنتېرنېتكە چىقتى
- خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يەنە قۇل ئىشچىلار بايقالدى