ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىنغان قىزلارنىڭ بىر قىسىمى قايتىپ كەلدى


2007.12.11

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10 - دېكابىر خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى پىڭخۇ شەھىرىگە جايلاشقان مەلۇم زاۋۇتقا ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ نۆۋەت قايتىپ كەلگەن قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىسار ناھىيىسى تەۋەسىدىن بۇ يىل 3- ئايدا خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇ قىزلارنىڭ ئاشۇ ئۆتكەن 9 ئاي جەريانىدا خىتاي ئۆلكىسىدە نېمە ئىشلارغا سېلىنغانلىقى ۋە خىزمەت تەرتىپىنىڭ قانداقلىقى تېخى نۇرغۇن ئادەملەرگە قاراڭغۇ. ھالبۇكى، بىز بۇرۇن خىتاي زاۋۇتلىرىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر قىزلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي توشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى مارك لوگان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر قىزلارنى مەۋجۇت شەرتلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرىي يۆتكەش ھەرىكىتى راست بولسا، بۇ ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىغا ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۇيۇقسىز يۆتكەپ كېلىشى قانداقتۇر بىر تاسادىپىي ئەھۋال بولماستىن، بەلكى خىتاي مۇشۇ جەھەتتە باشقا ئەللەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دىلشات رىشىت يەنە، گەرچە خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ كېلىپ بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا تەشۋىق قىلىشىدىكى سەۋەبنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ۋە تېخىمۇ كۆپ قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كىتىشىدىكى ھېلىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر تۈركۈم قىزلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشى يەنىلا ياخشى ئىش ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.