2008 - يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلمەكچى
2008.03.04
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 3 - مارت كۈنى كەچتە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزىلىرىدىن تەشكىللەنگەن تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزلار ئىشلەمچىلىك ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن شەندۇڭ، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2008 - يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە دائىرىلەر چىڭداۋ، يەنتەي قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇتلار بىلەن ئىشلەمچى يۆتكەش كېلىشىملىرىنى تۈزۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلەمچىلەرنى تەشكىللىمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرى بولۇپ، 2005 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 486 مىڭ ئادەم- قېتىم بولغان بولسا، 2006 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلدا بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ۋە شۇ بۇيىچە ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2007 - يىلى ھەتتا بۇ پىلان ئاشۇرۇپ ئورۇنلىنىپ سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى بىر مىليون 450 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستىدىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى 774مىڭ ئىككى يۈز ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېشىنچا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ئاساسەن 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەمگەك ھەم كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر بولسا، خىتاينىڭ توي ھەم تۇغۇت يېشىدىكى ياشلارنى ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىپ ياد مۇھىتقا تۈركۈملەپ يۆتكەيدىغان بۇ سىياسىتى ئىرقىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ كۆرسەتمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى "شىنجاڭ سىنىپ " لىرىغا 5 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى
- رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق يېزا خىزمىتى پىلانىدا ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقچى
- قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىنغان قىزلارنىڭ بىر قىسىمى قايتىپ كەلدى
- قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 60 مىڭ دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا يۇرتىدىن يۆتكەلدى
- كېرىيىدە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىدۇ









