تېكەس ناھىيىسىدىن قازاق ياشلىرى چىڭداۋغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلدى


2007.06.03

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدىكى كارخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىش داۋاملاشماقتا. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەيدىغانلار قاتارىغا مەلۇم ساندا قازاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە تېكەس ناھىيىسى ۋەكىل خاراكتېرلىق رول ئوينىغان.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئىيۇن كۈنى تېكەس ناھىيىسى 38 نەپەر ياشنى چىڭداۋ شەھىرىدىكى " چىڭداۋ مىڭگوڭ ئېلېكتىر سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى" دەپ ئاتالغان كارخانىغا ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ % 90 تىدىن ئارتۇقراقىنىڭ قازاقلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، 38 ئادەمنىڭ 30 نەپىرى ئەرلەر بولۇپ، بۇلار توكچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ساھەلەر بويىچە ئىشقا سېلىنىدىكەن . خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تېكەس ناھىيىسى چىڭداۋدىكى مەزكۇر كارخانا بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزگەن بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ كىرا ھەققى قاتارلىقلارغا زاۋۇت مەسئۇل بولىدىكەن. بۇ قېتىمقىسى مەزكۇر ناھىيىنىڭ چىڭداۋغا ئەۋەتكەن تۆتىنچى تۈركۈمدىكى ئىشچىلار ئەترىتى بولۇپ ، ئىلگىرى پۈتۈنلەي قىزلار ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر قىزلىرىنى "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" شۇئارى ئاستىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خۇسۇسىيلارنىڭ ئاچقان كارخانىلىرىغا ئاپىرىپ ئىشقا سېلىش يېقىندىن بۇيان ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا قەشقەر، تۇرپان ۋىلايىتى ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان.

ئىگىلىگەن تۈرلۈك ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېشى 16-دىن 20 غىچە بولغان ،تېخى توي قىلمىغان قىزلار بۇنىڭ ئوبيېكتى قىلىنغان بولۇپ، بەزى جايلاردا مەجبۇرلاش تۈسى ئالغان، ئىشلەمچى قىزلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىش ھەققىمۇ يەرلىك خىتاي ئىشچىلارغا قارىغاندا تۆۋەن ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى خەلقئارالىق ئەمگەك ھەم ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئەمگەكچى قىزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.