خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق يېزا خىزمىتى پىلانىدا ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقچى
2008.01.08
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2008 - يىللىق يېزا خىزمەت يىغىنى،4 - ۋە 5 - يانۋار ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدا بۇ بىر يىل يۈرگۈزىدىغان مۇھىم سىياسەت ھەم خىزمەتلىرى ئېلان قىلىنغان.
يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى 2008 - يىلدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يەنە،سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزگەندىن باشقا، تۇراقلىق ھالدا 300 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە باشقا يۇرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئاساسەن 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر يېزا قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ،خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغان، بۇ ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، كۇچادا ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مەزكۇر سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان بىر سىياسەت دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئاساسەن قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ھەمدە ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ،قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ 8 - يانۋاردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئۆتكەن بىر يىلدا سىرتلارغا يۆتكەلگەنلەر 606 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزۈلگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى
- خىتايدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
- ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىنغان قىزلارنىڭ بىر قىسىمى قايتىپ كەلدى
- قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 60 مىڭ دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا يۇرتىدىن يۆتكەلدى
- كېرىيىدە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا