خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى "ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش" شۇئارى ئاستىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەكەن ناھىيىسى كاچۇڭ يېزىسىدىن شەندۇڭنىڭ خەيياڭ شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر قىز، زاۋۇتتىكى بېسىملارغا چىدىماي ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن.

يېقىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىدە، خەيياڭدىن ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىققان 5 قىزنىڭ ئىچىدىكى پاتىگۈل يۇنۇس ۋە پاتىمە سېيىت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنىپ، قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى دەلىل پاكىتلار بىلەن بايان قىلىندى.

قىزلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەن شەھەر ئىچىدىن 100 قىز، كاچۇڭ يېزىسىدىن 113 قىز جەمئى 213 قىز، خەيياڭدىكى بىر پوپايكا توقۇش زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گەرچە ئاز ساندىكىلەر ئۆز رازىلىقى بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسىنىڭ يېزا باشلىقلىرىنىڭ " ئەگەر زاۋۇتتا ئىشلەشكە قوشۇلمىساڭلار، قارا نوپۇس بولىسىلەر، توي خېتى بېرىلمەيدۇ، ئۆيۈڭلارنى چىقىپ تۈزلىۋىتىمىز " دېگەن بېسىمى بىلەن خىتايغا بېرىشقا قوشۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

توختامدا قىزلارغا دەسلەپ 550 يۈەن كېيىن 900 يۈەندىن 1100 يۈەنگىچە مائاش بېرىش ۋەدە قىلىنغان ، بىراق بىر قانچە ئايغىچە مائاش تارقىتىلمىغان، قىزلار كۈنىگە 15 سائەت ئىشلىگەن، ئىش سالمىقى ئېغىر، ئوزۇقلىنىش ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەنەمگۈل ئىسىملىك قىز قاتتىق كېسەل بولۇپ، بىر قانچە كۈنگىچە ھۇشسىز ياتقان بولسىمۇ، ئەمما زاۋۇت مەسئۇللىرى ئۇنى دوختۇرغا كۆرسەتمىگەن.

زاۋۇت مەسئۇللىرى يەنە، باشقا قىزلارنى مەزكۈر زاۋۇتتا ئىشلەشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، قىزلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقى ھەتتا ئۇلارغا ئاتاپ قوي سويۇپ، مىزىلىك تائاملارنى بېرىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ساختا فىلىملەرنى ئىشلەپ، ناھىيە ۋە يېزىلاردا قويۇپ تەشۋىق قىلغان.

زاۋۇتتا ئۇچرىغان تۈرلۈك بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن 5 قىز، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا ‏- ئانىلىرى يېزا باشلىقلىرىنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا بارالماي تەمتىرەپ يۈرمەكتە.

بۇنىڭدىن سىرت ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىش قاتتىق چەكلەنمەكتە. (ئەقىدە)