دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە يۆتكەشكە قارشى چىققان ئاتا - ئانىلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،" بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشتە نېمە مەقسەدكە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى " دەيدۇ.
دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ۋاستىلار بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ئۇلارغا خىزمەت تېپىش مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە يامان غەرەزلىك پىلاندۇر " ئۇ يەنە ، "ئەگەر بۇ پىلان خىزمەت تېپىپ بېرىشنى مەقسەت قىلسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇ جاينىڭ ئۆزىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ ؟ " دەپ سورىدى.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە كۇچا ناھىيىسىدىكى دىھقانلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىپ، قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشكە قارشى چىققان. كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھۈسەنجان مەمتىمىن ۋەقەنىڭ ئەرزىيەت ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن بەزىلەر دىھقانلارنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كۇچادىكى خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى كۇچاغا ياردەمچى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، كۇچا ناھىيىسىدىكى ھەر قايسى ئورگانلاردىن ۋەقەنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر ۋەقەدە كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلماقتا. دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. (ئەركىن)