خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قورال-ياراق باشقۇرۇشىنى چىڭىتتى
2005.08.19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ھازىردىن باشلاپ ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ، ھەر خىل جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش بىلەن بىرگە، قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ بويۇملارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ چىڭىتىشى لازىملىقىنى جاكارلىدى.
رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ كېچىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر قايسى دەرىجىلىك ج خ خادىملىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاپانچا، پارتلاتقۇچ ۋە خىمىيىۋىي بويۇملارنى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بېرىلگەن تاپانچىلار ئۈستىدىنمۇ ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە تىزىمغا ئېلىنمىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قورال بېرىش شەرتلىرىگە توشمىغان بارلىق تاپانچىلارنى مۇسادىرە قىلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇش بويىچە يەنە، 8 -ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئىدارىلەردىكى قورال بېرىلگەن خادىملارنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىگە قوراللىق كىرىشىمۇ چەكلىنىدىكەن. شۇنداقلا ھەر قايسى دەرىجىلىك ج خ ئىدارىلىرىمۇ ھازىردىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىگىچە، تاپانچا، ئوق-دورا، پارتلاتقۇچ بويۇملار ۋە زەھەرلىك گاز قاتارلىق خەتەرلىك بويۇملارنى بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مابەينىدە، بۇ يەردە ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ بۇ بەلگىلىمىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇلار يەنە، ئاپتونوم رايون بويىچە " قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئاپتونوم رايوننى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قۇرۇۋالغان بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازى بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە جەنۇپلۇق 6 ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلدى
- د ئۇ ق خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: ش ئۇ ئا ر نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور سىياسى ۋەقە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بىر ئاي ئىچىدە مىڭغا يېقىن كىشىنى قولغا ئالدى