قورغاستىكى سەنگۇڭ ساقچىخانا ۋەقەسىدىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدە دىندار ياشلار يىغىۋېلىنىپ سوراق قىلىنغان

23‏ - ماي كۈنى قورغاس ناھىيىسىنىڭ سەنگۇڭ يېزىسىدىكى يەنى كونا ئىسمى بىلەن ئاقمەسچىت يېزىسىدىكى بىر ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتى ۋە يەرلىك ساقچىلار قورغاسنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدا بىرلەشمە شتاب تەسىس قىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە ناماز ئوقۇيدىغان ياكى دىنىي ھىسياتى كۈچلۈك ياشلارنى يىغىلىپ سوراق قىلىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.13

 رايوندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەقەدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، يىغىۋېلىش ئوبېكتى كەيپ ‏ - ساپا بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ھاراق، تاماكىدىن خالى كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ۋەقەدىن خەۋەردار يۇقىرىقى كىشى چىڭسىخوزىدىكى بىرلەشمە شتابقا يىغىۋېلىنغان ياشلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرەر يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى، لېكىن بەزىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن بۇ سان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. يۇقىرىقى كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار يىغىۋېلىنغان ياشلارنىڭ "مۇناسىۋەت دائىرىسى، يېقىندا ئالاقە قىلغان كىشىلىرى " نى سۈرۈشمەكتە ئىكەن.

 5‏ - ئاينىڭ 23‏ - كۈنى سەنگۇڭ ساقچىخانىسىغا 2 دانە بېنزېن قاچىلانغان بوتۇلكا ئېتىلغان بولۇپ، ۋەقەدە ساقچىخانىنىڭ بىر بولكىۋاي ئاپتوموبىلى كۆيۈپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس بىر دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇ ۋەقە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەچكە ۋەقە دائىرىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پەرزەنتى يىغىۋېلىنغان لېكىن ھازىرغىچە پەرزەنتىنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى ئالالمىغان ئاتا - ئانىلار چىڭسىخوزىدىكى بىرلەشمە شتابنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋالغان. بىز يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن سەنگۇڭ ساقچىخانىسىدىكى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ مەسئۇلى ئىلگىرى رادىئومىزغا ۋەقەنى " ئادەتتىكى ئامانلىق دېلوسى " دېگەن ئىدى. لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى باھانە قىلىپ، كۆزىگە پاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇ تۈپەيلى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەتكۈزۈشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.