قورغاس ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 7 ئوقۇغۇچى ئۆلدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.02
2008.05.02
ۋەقە 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 لەردە چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىي 2 - كەنتىدە ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 15 نەپەر ئۆسمۈر مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۆتەر يولدىكى بىر سايدىن ئۆتۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز كەلكۈن كېلىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن 7 ئۆسمۈرنى ئېقىتىپ كەتكەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈۋالغانلىقى، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خەۋەردە ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىدى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، كەلكۈن ئاپىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ياققان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. يەرلىك دائىرىلەر قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە 400 كىشىنى سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى تېپىلمىغان ئوقۇغۇچىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.









