خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى" دىن ماختانماقتا


2005-01-23
Share

تۇرپان ۋىلايىتى مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى بارلىق يەسلىلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت بالىلىرىنى، خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ "قوش تىللىق" مائارىپنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. تۇرپان ۋىلايەتلىك يەسلىنىڭ باشلىقى جاۋلىڭ، ئۆزلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ، "بالىلىرىنى بىزنىڭ يەسلىگە ئەۋەتىپ، خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى خالايدىغان مىللىي ئاتا- ئانىلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ" دىگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىدە مىللىي باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىۋاتقان "قوش تىللىق" سىنىپلارنىڭ سانى 72 دىن ئېشىپ، ئۈچ مىڭدەك ئوقۇغۇچى بۇ سىنىپلارغا ئوقۇۋاتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە تەربىيىلىشى، ئۇيغۇرلارنى ئاسملاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئاتا- ئانىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە، ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت