"شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى" نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش بولدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىش بولدى. يۇقىرىقى تەكلىپ قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئۆمەر ئابدۇللا بىلەن روزى گۈلباي تەرىپىدىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆمەر ئابدۇللا بىلەن روزى گۈلباي، " ئەمەلىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرىلىۋاتقان مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنىڭ شۇنداقلا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ ئىنتايىن توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى"، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۆمەر ئابدۇللا بىلەن روزى گۈلباي، "بۇ مەزكۇر خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەكتە شۇنداقلا بىز دۆلەتنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، خەنزۇ مەكتەپلەر بىلەن مىللىي مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز"، دەپ ئەسكەرتكەن.

مىللىي مەكتەپلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش چارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تالاش تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر چارىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خەلقئارا ئەھدىنامىلار، خىتاي ئاساسى قانۇنى شۇنداقلا مىللىي ئاپتونومىيىلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىمەكتە. ش ئۇ ئا ر نىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋەبىنى " ئۇيغۇر تىلى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ،" دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)