قەشقەردە كادىرلارغا قارىتىلغان خىتاي تىلى تەربىيىسى كۈچەيتىلمەكتە
قەشقەر ۋىلايىتى ئۆتكەن يىلى خىتاي تىلى لاياقەت ئىمتىھانىدىن ئۆتمىگەن بىر قىسىم يېزا- كەنتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى خىزمىتىدىن شاللىۋەتتى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى 167 يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق بىرىنجى قول مەسئۇللىرىدىن " قوش تىللىق" ئىمتىھان ئېلىپ، لاياقەتلىك بولمىغانلارنى خىزمىتىدىن يۆتكىگەن. ئەمما، خەۋەردە قانچە كادىرنىڭ بۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن شاللانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى بۇ ئارقىلىق، مىللىي كادىرلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىش " قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقى" نى ئاشۇرغان. ئۇلار يەنە كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە قەشقەردىكى 45 ياشتىن تۆۋەن " قوش تىللىق" بولمىغان 40 مىڭغا يېقىن كادىرنى " قوش تىللىق" قىلىپ تەربىيىلەش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر خادىم، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردە پەقەت مىللىي كادىرلارغىلا " خىتاي تىلى" ئۆگىنىش تەلىپى قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، خىتايلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش تەلىپى قويۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭ ئالدىدا، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە خىتاي تىلى بىلمىگەن نۇرغۇن مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ۋە كادىرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىش تەھدىدىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي تىلىنى بىلىشنىڭ نۆۋەتتە خىزمەت تېپىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى" نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش بولدى
- خىتاي قەشقەرنى "غەربتىكى شېنجېن" قىلىپ چىقماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى كوچا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى" دىن ماختانماقتا
- ۋاڭ لېچۈئەن مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى