قارىماي تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ مىللىي ئوقۇتقۇچىلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالدى

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، قارىماي شەھەرلىك تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ 70 كە يېقىن مىللىي ئوقۇتقۇچىسى خىتايچە سەۋىيىنى سىناش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا 8 - دەرىجىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇلارنى دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ، ئىشىك بېقىش، ئوت-چۆپ كېسىش ۋە تازىلىق قىلىشقا ئوخشاش ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.

مەزكۇر مەكتەپتە جەمئىي 400 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 73 ئى مىللىي ئوقۇتقۇچى ئىكەن. شۇنداقلا ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەقەت 6 نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچىلا تېخنىكا دەرىسى ئۆتىدىكەن. قالغانلاردىن ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئىشىك بېقىش، ئوت-چۆش كېسىش ئىشلىرىنى قىلسا، ئايال ئوقۇتقۇچىلار كارىدور ۋە ئاشخانىلارنى تازىلاش ھەمدە دېرىزە سۈرتۈشكە ئوخشاش تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەنە ئىككى نەپەر خىتايچە دەرس بېرىدىغان مىللىي ئايال ئوقۇتقۇچى 8 - دەرىجىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپ ئۇلارنى يەنىلا دەرس ئۆتكۈزمەي مەخسۇس ھاجەتخانا تازىلاش ئىشىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر گۈلنار توختىنىياز، يەنە بىرى بولسا قازاق ئايگۈل ھۈسىيىن ئىكەن.

مەزكۇر ئاگېنتلىق يەنە، قارىماي شەھەرلىك تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ بۇ مىللىي ئوقۇتقۇچىلارغا 3 يىلنىڭ ئىچىدە 8 - دەرىجىدىن ئۆتىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلىپ، ئەگەر ئۆتەلمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىزمىتىدىن توختىتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (پەرىدە)