ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كىلەر يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە "ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كېنىشكىسى" ئالالمىغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن چىكىندۈرۈلىدىغان ۋە ياكى ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق " ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كېنىشكىسى" گە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى چېكى 17 - ئىيۇن كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان بارلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن 2006 - يىلىغىچە " ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كېنىشكىسى" ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، " ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كېنىشكىسى" ئېلىشتا مىللىي ئوقۇتقۇچىلاردىن كەسپىي ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولۇشتىن سىرت، يەنە ئاساسلىقى" خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى" دىن ئۆتۈش شەرت قىلىنغان.
بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى،" ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەت كېنىشكىسى" ئېلىشتا خىتاي تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى، تەجرىبىلىك مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ سېپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)