ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرى قوش تىللىق مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى


2005-11-09
Share

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىيچە مەكتەپلەرنى قوش تىللىق مەكتەپكە ئۆزگەرتىش مائارىپ سىياسىتى بويىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى 5 ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى قوش تىللىق مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ مەكتەپلەر ئاساسلىقى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 5 - باشلانغۇچ ۋە 19 - باشلانغۇچ قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى خىتايچە ئۆتىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى پائال قانات يايدۇرغان ئىدى.

ئىلگىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنتايىن چوڭ بېسىمدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايچىسى ئانچە ياخشى بولمىغان ياشانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

شۇنداقلا خىتايچە دەرىسلەرنى بەزى ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كېتەلىسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلىرى خىتايچىنى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكتىن دەرىسلەرنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالماي، قايمۇقۇپ كېتىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن.

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي-مىللىي مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپلەردە 2006 - يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي پەن دەرىسلىكلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈش بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇپ بولىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت