ئىسمائىل تىلىۋالدى قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى


2005-12-04
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمەت يىغىنىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ سۈرئىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان قوش تىللىق مائارىپ ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ قوشۇۋېتىلىش سۈرىتىنى تېزلەتكەن.

1999-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 27 ئوتتۇرا مەكتەپتە قوش تىللىق سىنىپ تەشكىل قىلىنىپ، ئوقۇغۇچى سانى 2600 نەپەر بولغان بولسا، ھازىر قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ سانى 4500 دىن ئېشىپ، ئوقۇغۇچىلار 145 مىڭغا يەتكەن. ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ خىتايچە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى شەھەر-يېزىلاردا %20 ئاشقان،ھەتتا بەزى جايلاردا 50% كە يەتكەن. قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلانغۇچ مەكتەپكە ھەتتا باشلانغۇچقا كىرىش تەييارلىق سىنىپلىرىغىچە شۇنىڭدەك يەنە شەھەرلەردىن يېزا- قىشلاقلارغىچە قاتلاممۇ-قاتلام تەرەققى قىلىشقا باشلىغان.

ئىسمائىل تىلىۋالدى " ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەل بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش ۋە ئالغا بېسىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك چارىسىدۇر" دېگەن. ئىسمائىل تىلىۋالدى قوش تىللىق مائارىپنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، قوش تىللىق مائارىپى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرى بولماقتا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەر ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئاشكارىلاشتىن قورقسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇش دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت