جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى: خىتاي تىلى ئۇيغۇر يەسلىلىرىگىچە تېڭىلدى


2006.02.03

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى"، جۈمە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان خىتاي تىلىنى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، "خىتاي تىلى ئۇيغۇر يەسلىلىرىگىچە تېڭىلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

"جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ سىياسەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پايدىلىق، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى سىقىپ چىقىرىلماقتا، دەپ قارايدىكەن. خەۋەردە بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 7 ۋىلايەتىدە ئۇيغۇر يەسلى باللىرىغا خىتاي تىلى دەرسلىكى كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى، تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىن - بىر يولى خىتاي تىلىنى بالىلارنىڭ " ئالتۇن دەۋرى" دىن باشلاش، دەپ تەكىتلىگەن. نۇر بەكرى ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ ئىلگىرى سىياسى كېڭەشنىڭ بىر يىغىنىدا " تۇڭگانلار خىتاي تىلىدا سۆزلەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تىلى خىتايچە بولۇپ كەتسە نىمە بولاتتى،" دەپ تەكىتلىگەن.

بەلگىلىمىە بويىچە بۇ پروگراممىغا قاتناشقان يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈنىگە بىر سوم 50 تىيىن، ئوقۇتقۇچىلارغا بىر ئايدا 400 سوم مۇكاپات بېرىدۇ. ئەمما بۇ مۇكاپات ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ما ۋېنخۇا " جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" گە " بىزنىڭ پىلانىمىز 10 - 20 يىل ئىچىدە پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ بىرىنچى سىنىپلىرىغىچە قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش،" دەيدۇ. ئەمما بۇ پىلاننى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە.

"جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ مەزكۇر پىلاننى " بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلانغان ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي مەدىنىيىتىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى يوقۇتۇش ستىراتىگىيىسى،" دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى يازدى. نۇرى تۈركەنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى، بۇ ھوقۇقنى تارتىۋېلىش باشقا بىر تىپتىكى ئۇيغۇرلارغا يات بىر مەدىنىيەتنى يارىىتىشى مۈمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.