ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇرلاردا ئەندىشىە قوزغىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك 100 يىللىق زور پىلان، دەپ كۆرسەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە ،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مائارىپ تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى 1995 - يىلى تۈزۈپ بولغان. ئەمما مۇۋاپىق بىر پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ بۇ سىياسەتنى ئەينى چاغدا دەرھال يولغا قويمىغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈشنى بىكار قىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن، 2002 - يىلى 3 - ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامانغا ماسلىشالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە 3 - يىللىقلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسەتنى " قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتىماقتا. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە بەرگەن يوليورۇقىدا، " نىشاننى يەسلى مائارىپىغا قارىتىش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك 100 يىللىق زور پىلاننى ھەل قىلىش، كېرەك " دەيدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن، يوليورۇقىدا بۇ پىلان قايسى مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك 100 يىللىق زور پىلان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى نۇر بەكرى، خىتايچە ئۆگىتىشنىڭ ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي تىلىنى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرىغا مەجبۇرى تېڭىش، بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە پىسخولوگىيىسىدە بوشلۇق يارىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، دەپ ئاقلىغان. (ئەركىن)