خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان مەملىكەتلىك يىغىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بەزى ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇنماقچى بولغان.
خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2200 كىشىلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى11 كۈن داۋاملىشىدۇ. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىتاي پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي پىلانلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.
پارلامېنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس جيا چىڭلىن، "بىز ' تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ' سۆكۈت قىلمايمىز" دەپ ئەسكەرتىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننى ئاگاھلاندۇردى.
يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا تېخىمۇ چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان جيا چىڭلىن، ۋەكىللەرنى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت' بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندىدى. ئۇ، " بىز ..... كەڭ ئاممىغا چۆكۈشىمىز، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد، تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشىمىز، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك " دەيدۇ.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى ۋەكىللەر بەچچىۋازلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ توي قىلىشىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمەكچى، بەزىلەر ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇنماقچى ئىكەن.
"شىنجاڭ گېزىتى"، پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئابدۇللا ئابباسنىڭ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)
