ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىلدا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 6 يىلدا 50 ھەسسە كۆپەيگەن


2006-08-18
Share

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە 500 ھەسسە كۆپەيگەن.

جۇڭگو دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپ ۋە سىنىپلارنى قوش تىللىق مائارىپ، دەپ ئاتىماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك - 10 باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر قوش تىللىق سىنىپىدىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى 100 دىن ئاشقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى جاۋ دىجۇڭ " بۇنى بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئەھۋال" دەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان تۇنجى تەجىرىبە سىنىپى 1995 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئورتا مەكتەپتە يولغا قويۇلغان.

ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى رىشات ئەنەيتۇللا 14 - ئورتىدىكى تەجىرىبە سىنىپنى " مېنىڭ ئىجادىيىتىم" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. كېيىنكى يىللاردا ئاپتونوم رايون بۇيىچە ئەڭ نادىر مىللىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان 14 - ئورتا خىتايلار ئوقۇيدىغان - 6 ئورتىغا قوشۇۋېتىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالىي ئورتا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ زۇۋېي،" قوش تىللىق تەجىرىبە سىنىپلار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، مىللىي مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇنغا بارمىغان كېلەچەكتە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت