ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى خىتاي تىلى ئۆتكىلىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسىنى قىسقارتىپ، 2007 - يىلى باھاردىن باشلاپ 35 ياشدىن يۇقىرى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ تەربىيىلەش پروگراممىسى" دىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوندىكى 45 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى 5 يىلغا بۆلۈپ تەربىيىلەش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ھەر يىلى 2516 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشكە ئۆزگەرتىلدى.
ئىلگىرى يېزا - بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتالمىش "قوش تىللىق" مائارىپ تەربىيىسى بىر يىل ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىلغا ئۆزگەرتىلگەن. مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل ئۆزگەرتىشكە "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" تەربىيىسى ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسى تەلەپتىن يىراق بولغانلىقى سەۋەبچى ئىكەن.
مائارىپ دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئاساس قاتلامدا "قوش تىللىق" ئوقۇتۇشنى "كىچىكىدىن تارتىپ چىڭ تۇتۇش" پرىنسىپى يولغا قويۇلۇدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ دېگەنلىك خىتايچە ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەن يېشى 35 تىن يۇقىرى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىش دىگەنلىكتۇر، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى مىللىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)