نۇر بەكرى: قوش تىللىق مائارىپنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىلگىرى سۈرىمىز

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى نۇر بەكرى، خوتەن رايونىدا قوش تىللىق مائارىپنى، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە رادىئو - تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى پەيشەنبە كۈنى، نۇر بەكرىنىڭ خوتەن رايونىدىكى مەكتەپلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي تىلى ئۆگىنىش تىرىشچانلىقىنى ئالاھىدە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇر بەكرى خوتەندە، مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى كامچىللىقىنى تولدۇرۇش، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوش تىل ئۆگىنىش ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، كېلەچەككە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى ئاساسىدا ئەتراپلىق ھالدا قوش تىل مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، چەتئەل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا، چۈنكى مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەت مائارىپىنىڭ ئورنىغا باشقا يات مىللەتنىڭ مائارىپىنى دەسستىش، مىللەتنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ئالاھىدە تۆۋەنلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپەيگەن. (ئەقىدە)