خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەش كۆلىمىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى

2007-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆزىدە خىتاي تىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىىلىرىنىڭ 15 ‏- فېۋرال كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىسىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئەسلىدىكى 3990 كىشىدىن 5000 كىشىگە يەتكۈزىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت ئاپتۇنۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ بىۋاستە مەسئۇللىقىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ئېچىلغان " شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى" نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" دىن 8 ئى ئېچىلىدىكەن.

ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ شىنجاڭ مائارىپىغا كۆرسەتكەن ياردىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" يىلدىن ‏- يىلغا كېڭىيىشكە باشلاپ، مەكتەپ سانىنى 45 كە يەتكۈزگەن. نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلار سانى 10 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە مەزكۈر مائارىپ سىياسىتىنى، خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار، بۇنى مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى " ئۆزى ئۇيغۇر، تىلى خىتاي " قىلىپ يېتىشتۈرۈشتەك ئاسمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت