خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل" مائارىپى قەدىمىنى يېزىلارغىچە كېڭەيتمەكتە

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا 3 ‏- ئاپرىل ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا "قوش تىل" ئوقۇتۇش ئىشلىرى كېڭەيتىلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، "يېقىنقى يىللاردىن بېرى يوپۇرغا ناھىيىسى "قوش تىل" مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، ۋە بارچە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىش ئىشلىرىدىكى ئاساس خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى".

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسى ئۆز تەۋەسىدىكى يېزىلاردا "قوش تىل" مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئىشنى ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزىلارنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرىنى تاللاشتىن باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا سىياسى جەھەتتە قاتتىق، ئاساسى قاتلامدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى بار خادىملارنى سەپلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، يوپۇرغا ناھىيىسى "قوش تىل" مائارىپى سېلىنمىسىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرگەن ۋە 100 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ "قوش تىل" ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار شەخس ۋە ئورۇنلارنى تەقدىرلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل" مائارىپ قەدىمىنى تىزلىتىش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش قاتارلىق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. (جۈمە)