خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "قوش تىل يەسلىسى" قۇرۇشنى كېڭەيتمەكتە
2007.04.13
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل" مائارىپىنى يېزىلاردىكى كەنتلەرنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىغىچە كېڭەيتىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە.
قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇرى تورىدا 13 - مارت بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدە "قوش تىل" مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلغان يەسلىلەردىكى تەييارلىق سىنىپلىرى سانى 73 كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2584 كە يەتكەن.
خىتاي يەنە "قوش تىل" مائارىپىنى كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىققان ۋە "قوش تىل" يەسلى تەييارلىق سىنىپلىرى ئاساسىي مۇئەسسەسى قۇرۇلۇشى ۋە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتا، ئومۇمىي كىرىمى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان ھەر بىر كەنتتە "قوش تىل" يەسلى تەييارلىق سىنىپىدىن بىرىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى يېزىلار ئۆز ئالدىغا 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تەييارلاپ ئۇل قۇرۇلۇشى، ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇئاش تەمىناتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مارالبېشى ناھىيىسىدە بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 30 "قوش تىل" يەسلىسى قورۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 50 پىرسەنتىنى كەنت دەرىجىلىك "قوش تىل" يەسلىلىرى ئىگىلەيدىكەن.
بىز بۇرۇن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى ھەر يىلى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت دېھقانلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىشكە باشلىغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە "يېزا ياشلىرىدىن 10 مىڭنى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش" پىلانىغا ئاساسەن ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىمۇ "قوش تىل" سىناق سىنىپلىرىنى ئاچقان ئىدى.
بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەبلىغىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن بولۇپ، پەقەت "قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار" نى تەربىيىلەشكە 200 نەچچە مىليون يۈەن ئاجراتقان.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۆز تىلىنى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىشى، ھەتتا ئۇيغۇر بالىلىرىنى يەسلىدىن باشلاپ خىتايچە مائارىپ تەربىيىسىدە تەربىيىلەش پىلانى، قانداقتۇر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ساخاۋىتى بولماستىن، بەلكى، ئۇيغۇرلارنى تەل-تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈيىقەستىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ئىكەن.
ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈزۈل- كېسىل بەربات بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى پۈتۈنلەي خۇنۈكلىشىدۇ، مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقى زور تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، دەپ قاراشماقتا. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل" مائارىپى قەدىمىنى يېزىلارغىچە كېڭەيتمەكتە
- يەكەن ناھىيىسىدىن 500 نەپەر قىز خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي "قوش تىل مائارىپى" مەبلىغىنى يەنە كۆپەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا