ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا "قوش تىل" يەسلىلىرى كۆپەيمەكتە
2007.06.18
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16 - ئىيۇن بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر يېڭىشەھەر ناھىيە تەۋەسىدىكى 50 يېزىغا 82 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇپ، قوش تىلى سىنىپلىرى 116گە، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان خىتاي بولمىغان بالىلارنىڭ سانى بەش مىڭغا يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى دېكابىردا تەڭرىتاغ ئاخبارات تورى، ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل "سىنىپلىرىنىڭ 5مىڭغا, ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىلى سىنىپ دائىرىسىنى "باشلانغۇچ مەكتەپتىن، يەسلىلەرگە، يېزىلاردىن كەنتلەرگە كېڭەيتىش" ئىستراتېگىيسىنى ۋە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 7 ۋىلايەت ئوبلاستلار ۋە 56 ناھىيىدە 1009 "قوش تىل" سىنىپى قۇرۇش، 2010- يىلىغا كەلگەندە 258 مىڭ نەپەر خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى يەسلىدىن باشلاپلا خىتايچە ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 430 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتايلار "قوش تىلى" مائارىپىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ دەپ سۈپەتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتايلارنىڭ ئاتالمىش "قوش تىلى" ئىستىراتېگىيىسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ , ئۇلارنى خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش يولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ دەپ قاراشماقتا.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ' ئۇيغۇر تىلى' مۇ بار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "قوش تىل يەسلىسى" قۇرۇشنى كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل" مائارىپى قەدىمىنى يېزىلارغىچە كېڭەيتمەكتە
- خىتاي "قوش تىل مائارىپى" مەبلىغىنى يەنە كۆپەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى باشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەش كۆلىمىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل ئۈگىنىش تەشۋىقاتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا