"خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان" ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى
2007.07.24
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 24 - ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە " خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان " دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئىسپاتلىق دوكلات ئېلان قىلىپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
شۇنداقلا دوكلاتتا يەنە ، قوش تىللىق مائارىپ ئېلىپ كەلگەن ئەكس تەسىرلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىدىن شەرھىلەيدۇ.
--ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق رولىنى يوقاتماقتا
--قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر بالىلىرىنى يەسلىدىن باشلاپلا ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرماقتا
--قوش تىل مائارىپى سىياسىتى بۇيىچە بارلىق مەكتەپلەر مائارىپى خىتايچىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار دەرس مۇنبەرلىرىدىن قوغلانماقتا
--خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئاپىرىلغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز يۇرتى ، ئاتا - ئانىسى ھەمدە تىل، مەدەنىيەت ۋە ياشاش مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا
--قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر ئاتا - ئانا ۋە بالىلار يەنى ئەجداتلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا تىل توسالغۇسىنى پەيدا قىلماقتا
--قوش تىللىق مائارىپى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتمەكتە
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇر تىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا دېيىش ئارقىلىق قوش تىللىق مائارىپىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەمدە ئاتا ئانىلارنى ئامالسىز ھالەتكە قويۇپ مەزكۇر سىياسەتكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى ھەمدە قوش تىللىق مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باشقا سىياسەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۇلارنى مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا "قوش تىل" يەسلىلىرى كۆپەيمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ' ئۇيغۇر تىلى' مۇ بار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "قوش تىل يەسلىسى" قۇرۇشنى كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل" مائارىپى قەدىمىنى يېزىلارغىچە كېڭەيتمەكتە
- خىتاي "قوش تىل مائارىپى" مەبلىغىنى يەنە كۆپەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى باشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەش كۆلىمىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى