ئۈرۈمچى قوش تىللىق مائارىپ بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى


2007.07.29

28- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق قوش تىللىق مائارىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا خىتاي، ياپونىيە، كورىيە، موڭغۇلىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىننى خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئاچقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يىغىندا ئاساسلىقى قوش تىللىق مائارىپنىڭ 21-ئەسىردىكى تەرەققىيات مەسىلىلىرى ۋە يۆنىلىشى شۇنىڭدەك قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دىڭ ۋېنلو " ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى تېزلىكتە راۋاجلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشى باشقىچە بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر تىللىق يەنى خىتاي تىللىق مائارىپتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بارا-بارا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.