خىتاي دائىرىلىرى" قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىلا يولغا قويۇپ قالماستىن، بەلكى ناھىيە - يېزىلاردىكى يەسلىلەرگىچە يولغا قويۇشنى كۈچەيتمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېزىلاردا بالىلار يەسلىلىرىنى قۇرۇپ، يەسلىلەردە " قوش تىللىق " مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەشەببۈس قىلغان. خەۋەردە يەنە ، نۆۋەتتە پۈتۈن يېڭىشەھەر ناھىيىسى بۇيىچە ھەر قايسى يېزىلاردا قۇرۇلغان " قوش تىللىق" بالىلار يەسلىسى 82 گە، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سانى 5430 غا يەتكەنلىكى، يەسلىدە " قوش تىللىق " مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بالىلار ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 51 ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " قوش تىللىق " مائارىپنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسىدىنى، نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئۇيغۇر مائارىپىنى بىكار قىلىش، نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى قوغداشنى، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزگەن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىماقتا . (ئەقىدە)