ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
2007.08.26
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگە قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان خىتاي ئەمەس مىللەت بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيىلەش سىياسىتىگە يېڭى مەزمۇنلار قېتىلدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي، ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق سەككىز شەھەردىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يىراق چەت جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس تەربىيىلەيدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىپ، 9-ئايدىن ئېتىبارەن ئوقۇش باشلاشنى قارار قىلغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىپ، بۇ يەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئەۋەتىشنى بېكىتكەن ئىدى. بۇ يىل مەزكۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85 ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 160 نەچچە كىشى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىكى بۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك ئوقۇش ياردەم ۋە پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ياخشى بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بېرىشقا ئىنتىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىپ، خىتاي تىلىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارنى خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپشۇناسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىسىز ئامىللار بولۇپ، تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت روھى ئاجىزلىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى مەۋھۇم بولىدىكەن.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيە - يېزىلىرىدا " قوش تىللىق " مائارىپنى كۈچەيتمەكتە
- قوش تىل مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- ئۈرۈمچى قوش تىللىق مائارىپ بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
- "خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان" ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا "قوش تىل" يەسلىلىرى كۆپەيمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ' ئۇيغۇر تىلى' مۇ بار
- ئۇيغۇر تىلى، ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقوغۇچىلار ۋە ئوفېتسىرلارغا ئۆگىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك تىللار ئارىسىغا كىرگۈزۈلدى
- ئۇيغۇر مىللى مائارىپى ھەقىقەتەن دەۋىرنىڭ كەينىدە قالدىمۇ ؟
- دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن" دۇنيا ئاۋازلىرى " فېستىۋالىغا قاتناشتى