خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان " قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخباراتلىرىدا " قوش تىللىق " مائارىپنىڭ نەتىجىسى تەشۋىق قىلىنماقتا.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ 31 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋىرىدە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ بەشكەنت بازىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسەن خىتايچە بىلمەيدىغانلىقى، ئەمما بۇ جايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ھەتتا خىتاينىڭ پۈتۈن مەملىكىتى بويىچە داڭلىق " قوش تىللىق " يېزا مەكتىپىنىڭ بارلىقى تىلغا ئىلىنغان.
خەۋەردە، 1997 - يىلى قۇرۇلغان يېزا مەكتىپىدە ئاران سەككىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى خۇاڭ مىڭ ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، كەنتتىكى ئائىلىلەرگىچە، ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى بالىلىرىنى ، " قوش تىللىق " مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ھەتتا ئۇلار بىلەن يىمەك - ئىچمەك، يېتىپ - قوپۇشتا بىللە بولۇپ ئوقۇغۇچىلار سانىنى 1000 غا يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان .
تۆت يىلدىن بۇيان بەشكەنت " قوش تىللىق " باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، رايون ئىچى خىتاي تىل سىنىپىغا ۋىلايەت بويىچە ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنغان ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان.
خۇاڭ مىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نۆۋەتتە بەشكەنت دائىرلىرى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى " باغچىلاشقان مەكتەپ" تە تەربىيىلىمەكتە ئىكەن.
خىتاينىڭ ناھىيە، يېزا ۋە كەنتلەر بويىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگراممىلار تەسىس قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشقا چاقىرماقتا. (ئۆمەر قانات)