خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
2007.11.14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجراتماقتا.
خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت ۋە ئوبلاست دائىرىسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 122 مىڭ 939 نەپەر ئۆسمۈرلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇشنى پىلانلاپ، 'قوش تىللىق مائارىپ' دېگەن نام ئاستىدا 70 مىليون 390 مىڭ يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان. مۇشۇ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كۈنىگە بىر يېرىم يۇەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى قوشۇپ بېرىشنى بەلگىلىگەن.
ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'قوش تىللىق مائارىپ'نى يولغا قويغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2007 - يىللىق دوكلاتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتا يۈرگۈزگەن 'قاتتىق زەربە بېرىش' سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دائىرىسىنى چەكلەش ئەمەلىيىتى بىۋاستە تەنقىد قىلىندى.
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 'خىتايلاشتۇرۇش' سىياسىتىگە قارشى ھېسسىياتىنى چۈشىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " ۋاڭ لېچۇەن يەكەندە 12مىڭ ئۇيغۇرنى ئۇسۇلغا سالدى"
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيە - يېزىلىرىدا " قوش تىللىق " مائارىپنى كۈچەيتمەكتە
- قوش تىل مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- ئۈرۈمچى قوش تىللىق مائارىپ بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
- "خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان" ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا "قوش تىل" يەسلىلىرى كۆپەيمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ' ئۇيغۇر تىلى' مۇ بار