خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى


2007.11.26

خىتاي مائارىپ تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ "قوش تىل مائارىپ" قەدىمىنى تىزلىتىش جەريانىدا "قوش تىل" ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن "ئاساسىي قاتلامغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى" ئەۋەتىش پىلانى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلى مىللىي مائارىپچىلار سېپىدە خىتايلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئۈزۈل ‏- كېسىل ۋەيران قىلىش سۈيىقەستىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ باش سېكرېتارى جاۋ دېجۇڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىرغىچە "ئاساسىي قاتلامغا ياردەم بېرىش" ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار سانى 2000 نەپەردىن ئاشقان ھەمدە ئاساسىي قاتلامدا ئوقۇتۇشنى پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار 1800 نەپەردىن ئاشقان.

جاۋ دېجۇڭ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ بىر قاتار چارىلەر ئاساسىي قاتلامدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلغان بولۇپ بۇ بىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ" دېگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە يەنە، "ئاقتو ناھىيىسىدىكى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كەمچىل بولۇش، ئاز سانلىق مىلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىتايچە سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا" ئوقۇتقۇچى چاقىرىش ئىشلىرىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، جەمئىيەتتىن خىتايچە سەۋىيىسى يۇقىرى 445 نەپەر خادىم قوبۇل قىلغانلىق كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئاساسىي قاتلامغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ياكى ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەن.

ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ۋە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي "ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى" ئىستراتېگىيىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب شىماللىرىغا ئېۋەتىۋاتقان بىر تۈركۈم ئادەملەر قانداقتۇر ئىككى خىل تىل بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ مەلۇم سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان يەك تىللىق بىر بۆلەك ئادەملەر ئىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەنە بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ۋەيران قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، شۇڭا خىتاي بۇ كىشىلەرنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىمىغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە "10مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيىلەش" ئۈچۈن 130 مىليون يۈەن خىتاي پۇلى مەبلەغ سالغانىدى. (جۈمە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.