خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن ‏- يىلغا كۆپەيتمەكتە


2007.11.28

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا 'قوش تىللىق مائارىپ' نى يولغا قويۇش ئۈچۈن 430 مىليون ئاجراتقان. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ رايونلاردا 'قوش تىللىق مائارىپ' دېگەن نام ئاستىدا 50 مىڭ بالا خىتايچە ئوقۇۋاتىدۇ.

2010 ‏- يىلىغىچە، بۇ رايونلاردا خىتايچە ئوقۇتىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى258 مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.

'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، نۇر بەكرىلەر يېقىندا، 1 ‏- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئۇلاردىن، بۇنىڭدىن كېيىن 17 ‏- قۇرۇلتاي روھى بۇيىچە 'قوش تىللىق مائارىپ'نى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇشنى، خۇددى گېنېرال ۋاڭ جېن قۇرغان 1 ‏- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدەك پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ 'سوتسىيالىزمنىڭ ئىز باسارلىرى'ىنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.