ئاقسۇ ۋىلايىتىدە " قوش تىل" مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە "قوش تىل" يەسلىلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدا خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ " قوش تىل" سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.23

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە " قوش تىل" مائارىپىنى يېزىلاردىكى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىش خىزمىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھازىرچە بۇ خىلدىكى ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى 407 گە، قوش تىل سىنىپلىرى  1300 گە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆتكەن بەش يىل جەريانىدا مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدە "قوش تىل" مائارىپى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ئاز سانلىق مىلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھازىر يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل "مائارىپى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر چەتئەلگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چىققان، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مائارىپچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان ھەمدە ئاسسىمىلياتسىيە شەكلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مائارىپ تۈزۈلمىسى يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي نەشرىياتچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىكەن ھەمدە نەشىر قىلىش، تەرەققىي قىلىش ۋە تارقىتىش ۋاستىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ئېغىر كرىزىس ئاستىغا چۈشۈپ قالىدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.