بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغانلار ئاشۇرۇلدى
شىنخۇئانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" ۋە " شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلار " دا ئوقۇش ئۈچۈن 84 مىڭ ئادەم ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت 10 مىڭى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئىچكىرى خىتايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەخسۇس تەسىس قىلىنغان " ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" غا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئاشۇرۇلغان بولۇپ، %40 كە يەتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ 28 ئۆلكە ۋە شەھىرىدىكى 50 مەكتەپ بۇنداق سىنىپلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى 5000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئېچىشقا باشلىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بۇنى پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىكەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ۋە ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇشى ھەمدە مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇش نامى ئاستىدا خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.