خىتاي بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى "شىنجاڭ سىنىپ " لىرىغا 5 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى
2008.02.04
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 5 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئىلى ئوقۇغۇچىلىرى 13 مىڭدىن كۆپ، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى 50 ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەسىس قىلىنغان مەزكۇر سىنىپلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.
خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ 5مىڭغا يەتكەنلىكىنى، "قوش تىل سىنىپلىرى" دا ئوقۇيدىغان مىللي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر ئىلى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مىللي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: " خىتاينىڭ ئاتالمىش ‘شىنجاڭ سىنىپلىرى’ دا ئوقۇيدىغان مىللي ئوقۇغۇچىلارنى سانىنى تىزلىتىشىدىكى سەۋەب يەنىلا، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىش دېگەنلىك" دېدى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇنداق سىياسەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق رەۋىشتە كۈچەيتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئاسان ئىدارە قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپەيتىلمەكچى
- ۋاڭ لېچۈەن : ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويۇش كېرەك
- رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق يېزا خىزمىتى پىلانىدا ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى"قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتمەكتە
- قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
- ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىنغان قىزلارنىڭ بىر قىسىمى قايتىپ كەلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 60 مىڭ دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا يۇرتىدىن يۆتكەلدى









