خىتاي ھۆكۈمىتى"قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتمەكتە
2008.01.07
قاغىلىق ناھىيىسى ھۆكۈمەت خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ھازىر قاغىلىق ناھىيىسى "قوش تىل "يەسلىلىرىگە ئاشكارا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل" مائارىپىنىڭ قەدىمىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيىسى ھازىر يېزىلاردا قوش تىل يەسلىلىرىنى قورۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار 2007- يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغان ۋە جەمئىيەتتىن 60 نەپەر "قوش تىل "يەسلىسى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە "قوش تىل" يەسلى خىزمەت ئورنىغا 141 نەپەر كىشى ئۆزىنى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 64 نەپىرى خىتاي، 77 نەپىرى ئۇيغۇر، نامزاتلار خىتاي تىلىنىڭ نەزىرىيىسى، ئىلىم-پەن بىلىملىرى، ئاساسىي ماھارەت ۋە پېداگوگىكا قائىدىلىرى بۇيىچە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئېمتىھان بەرگەن.
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون: قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە "قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2000- يىلىدىن بۇيان قەشقەر تەۋەسىدە "قوش تىل" يەسلىسىدىن 444 سى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 63 مىڭ 416 گە يەتكەن.
ئۇيغۇر ئىلى مىللىي مائارىپى ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ھال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر نورۋېگىيىدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش "قوش تىل" مائارىپى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىدىغان يەك تىل مائارىپى بولۇپ، بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي كىملىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن قېيىن ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيە - يېزىلىرىدا " قوش تىللىق " مائارىپنى كۈچەيتمەكتە
- قوش تىل مائارىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى









