دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى


2005.01.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپ تېكىن باشچىلىغىدىكى بارلىق ھەيئەت ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى رەسمىي يوسۇندا تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، "دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيى ئۇلۇغ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا جۈملىدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئالى ئېھتىرام بىلەن سالام ۋە سۆيگۈ يوللايدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئۇلار مەزكۈر تەبرىك خېتىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قازا قىلغانلارغا ئاللادىن جەننەت ساۋابىنى تىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا چوڭقۇر قايغۇ بىلەن تەسەللى ئىزھار قىلىدىغانلىقىنى ۋە سەبىر تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن "ئۇلۇق ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئۆز ئىمانىنى، ۋىجدانىنى ساقلاپ، ھەرقايسى سەپلەردە كۆرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ۋە باتۇر قىزلىرىمىزغا چەكسىز ئىپتىخار بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرىمىز".

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى. (پەرىدە )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.