ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولدى


2005.05.18

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمى سۇ ئاپىتىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، بۇ رايونلاردىكى بىر قىسىم دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۇ مىقدارى بۇ يىل باشقا يىللارغا قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغانلىقىنى، ھەتتا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى دەريا ئېقىن سۈيىنىڭ ئاۋالقىدىن 80٪ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىپ كېتىپ، ھۆل-يىغىن ئاز بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تېرىقچىلىق مەزگىلى بولغانلىقى ئۈچۈن سۇغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كەتكەن. ھەتتا بۇ رايونلىرىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ زاپاس مىقدارىمۇ ئاۋالقىغا قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغان.

قۇمۇل شەھىرىدىكى ئاساسلىق سۇ ئېقىنلىرىدا 4 يىلدىن بۇيان تۈزۈك سۇ كېلىپ باقمىغاچقا، تېرىقچىلىق سۇغۇرۇش ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يەر ئاستى سۈيىگە تايىنىپ قالغان. ئەمما شۇ سەۋەپتىن ھازىر يەر ئاستى سۈ يۈزىمۇ ئاۋالقىدىن 80 سانتىمېتىر تۆۋەنلەپ كەتكەن. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يەردىكى بىر يېرىم مىليون مو تېرىقچىلىق مەيدانى سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.