ئۇيغۇر ئىلى بۇ يىل قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن

يېزا ئىگىلىكىدە يامغۇر ۋە قار ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلىدىن بېرى قار ۋە يامغۇرنىڭ ئاز يېغىشى سەۋەبىدىن رايوننىڭ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانچىلىق مەۋسۈمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاقتى ھېسابلانغان مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدىن ئاپرىل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 40 كۈن ئىچىدە يامغۇر ياغمىغان. رايوندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تىز ئۆرلىگەنلىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قورغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ئىچىدە 25 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. لېكىن زىرائەت مۇتەخەسسىسلىرى ئەگەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىسا، بۇ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىنىڭ ئىككى يىلدىن ‏- بەش يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىدىغان بۇ قېتىملىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى رايون ئۈچۈن پاجىئەلىك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)