د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى


2007.05.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بۇيىچە تەمىنلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 9 ‏- ماي كۈنىدىكى لېكسىيە دەرىسىدىن كېيىن، بىلگىيىنىڭ پايتەختى برۇسسەلسدا "خەلقئارا ئادالەت سارىيى"، " خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى" ھەمدە ياۋرۇپا پارلامېنتى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

ياۋرۇپا پارلامنېتىدىكى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىئىسنى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتتىق تەسىرلىنىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9 ‏- ماي كۈنى كەچتە پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.