د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشتى
2007.07.29
گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىغىنى 7 - ئاينىڭ 27 - مىيۇنخېندا ئاخىرلاشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا ،26- ۋە 27 - ئىيۇل كۈنلىرى چاقىرىلغان بۇ يىغىندا، نۇقتىلىق ھالدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى لايىھىلەر ۋە قۇرۇلتاي فوندىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
د ۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارىدىغان ئايرىم پائالىيەتلەردىن تاشقىرى، يەنە "خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى"، „چېگراسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى"، „خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى"، "ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى"، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى"، تىبەت ۋە فالۈڭوڭچىلار ۋە باشقا دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پروگراممىلار ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، د ئۇ ق رەھبىرى سىستېمىسىدا بەزى تەڭشەشلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت يەنە ۋەتەنداشلىق بەدىلى(ئۇيغۇرلۇق بەدىلى) تۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، مەتبۇئات، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى جىددىي يولغا قويۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، قۇرۇلتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋاكالەتچىلىرىنى كۆپەيتىش، قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار قارار قىلىنغان.
رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە سەپىرىدە ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ۋە گېرمانىيە ھەم خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرى داۋاملاشماقتا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھاسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى
- رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى
- فرانكفورتتا يېڭى شۆبە تەشكىلات قۇرۇلدى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى